广告栏2

.. ..
2008年11月11日星期二

خۇتۇن،مىنى بۈگۈن شەيتان ئازدۇرۇپتۇ .

خۇتۇن،مىنى بۈگۈن شەيتان ئازدۇرۇپتۇ .دۇكىنىمنىڭ ئالدىدا بىر ساختا لاتارىيە بىلتى ساتىدىغان ئۇرۇن بار بۇلۇپ ئۆزنىڭ ياللىۋالغان بىر قانچە ئادەملىرى بار ئىدى. ئۇلار توپلىشىپ كىلىۋاتقان ئادەملەر ئارسىغا كىرىپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تىجارەت سورنىغا باشلاپ ئەكىرىپ ئاۋال شۇ ياللانما خادىملار سېتىۋالاتتى، ئۇلارغا مۇكاپات چىققىنى كۆرۈپ بىچارە نادان خەلىقمۇ ئېلىشقا باشلايتتى. لىكىن ئۇلارغا بىرە قېتىممۇ مۇكاپات چىقمىغانلىقى ئۈچۈن قويمىچىلار بىلەن سۇقىشاتتى. ھەتتا ئۆزى ئالدىنىپ بۇلۇپمۇ نۇمۇس قىلماي مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ئەرىز قىلىپ باراتتى. لىكىن قانداقتۇر سەۋەپ باركىن تاڭ بىر نەچچە كۈنلا تاقىلىپ يەنە ئېچىلاتتى. مانا بۈگۈنمۇ بىر نادان بىمارىم <<دۇكىنىڭىزنىڭ ئالدى قىززىپ كىتىپتۇ>> دەپ سورغاندا <<ساختا لاتارىيە بىلتى ساتىدىغان ئالدامچىلارنى بازىرى>> دەپ چۈشەندۈرۈپ قويساممۇ قىزىقىپ قالدىمۇ تاڭ بىلمىدىم؟ بىر ئازدىن كىيىن مەندىن ئازراق پۇل سوراپ ئۆيگە كىتىۋالدىغانلىقىنى ئېيتتى .ھەيران بۇلۇپ سەۋەبىنى سورىسام 500يۈئەن پۇلنىڭ ھەممىسىگە بىرلا قېتىمدا لاتارىيە بىلتى ئېپ ئالدىنىپ قاپتۇ . ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشچە بىر ئايال 300يۈئەنلىك ئېپتىكەنمىش 900يۈئەن مۇكاپات چىققىننى كۆرۈپ قىزقىپ بىرلا قېتىمدا ئالغىنىكەن .ئاچچىقىمدا شۇنداق سەت تىللىۋەتتىم. مەن <<ئۇلار قويمىچى، نۇرغۇن ئادەملەرنى ۋەيران قىلدى>> دىسەم ئىشەنمەي سىزمۇ ئېزىپ قالدىڭىزمۇ؟ دىسەم<<مىنى شەيتان ئازدۇردى>>دەيدۇ ؛توۋا!! قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىپ بۇلۇپ شەيتانغا دۆڭگىگنى نېمىسى دەيمەن ؟!! ئازغىنا مائاشنى دەپ، ئۆز مىللىتىنى ئالداپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزىۋاتقانلارمۇ ئۇيغۇر، نادانلىق قىلىپ قۇيلۇپ كەتكەنمۇ ئۇيغۇر. توۋا دەيمەن، بىز لەرگە قاچانمۇ ئەقىل كىرە ھە؟ شۇڭا ئاچچىقىمدا بىر موچەنمۇ بەرمىدىم. يەنە چىقىپ نىسىيگە ئويناڭ بەلكىم تەلىيڭىز ئوڭدىن كىلىپ بۇ قېتىم ئۇتۇپ كىرەمسىز تېخى دەپ چىقىرۋەتتىم. ئوينىسۇن ...~تازا ئوينىسۇن .ئويناپ ئازراق بولسىمۇ ئەقىل كىرسە ئەجەپ ئەمەس . شۇ ئازغىنا مائاشنىدەپ باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ ئۆز مىللىتىنى ئالداۋاتقانلار،نادانلىقىدىن،دۆتلىكىدىن ئالدىنىۋاتقان ئۇيغۇرۇمنى قوللايمەن ...~~~ياشاڭلار قويمىچىلار !!ياشاڭلار قۇيلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرۇم!!!مانا مۇشۇنداق شۇئار تولىساق ياخشى بۇلدۇ.....2007.يىلى 4.ئاينىڭ21.كۈنى <<كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى>>ھەممىزگە مەلۇم دىيارىمىزدا ماھارىتى يۇقىرى بىر سىرىكچى بار .پات- پات بىزنىڭ مەھەلىگىمۇ كىلىپ ئۇيۇن قۇيۇپ كىتەتتى .ئۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلىپ كەتتىمۇ تاڭ بىلمىدىم؟ئۇنىڭ بىلەن دوس بۇلۇپ قالدىم .ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ياخشى ئۇيۇن قويغۇچىدىن پەخىرلەندىم ...ئۇمۇ بىر كۈنى پۇل سوراپ كىرىپتۇ .سەۋەپ نىمە؟<<ماجان خانىدا بۈگۈن تاپقان پۇلنى ئۇتتۇرۇپ قويدۇم>>ھەي سىزمۇ قىمار ئوينامسىزتېخى؟<<مىنى بۈگۈن شەيتان ئازدۇرۇپتۇ>>يەنە شۇ گەپ . شۇنداق ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمىم توساتتىنلا نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى.كۆتە قاسقىنىڭنى پۇل يوق مەندە ...~ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ دوستۇمنى ئىزدىمەيدىغان بولدۇ م. مانا بۈگۈن مەنمۇ زىركىپ كىتىپ بازار ئايلىنىپ كىرەي دەپ يەكشەنبە بازارغا بارغان .ئۇيان چۆرگىلىپ_بۇيان چۆرگىلىپ بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغان يەرگە بېرىپ قاپتىمەن قارسام تازا قىززىپ ئىككى خۇراز چوقۇشىۋېتىپتۇ .بەلەن ئۇيۇنكەنغۇ بۇ دەپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇم . 60ياشلاردا قۇلىدا ھاسا تېينىۋالغان بىر بۇۋاي << ئاۋۇ كىچىك خورازغا تىكتىم >>دەپ 200يۈر يۈئەن پۇلنى بىرسىگە بەردى ،توۋا ..شۇنچە چوڭ خۇراز تۇرسا <<كىچىككە تىككىنى >> دەپ ھەيران بۇلدۇم <<ھۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغا قاقۋاش قېرى،سىنى بىر ئۇتىۋالمايدىغان بولسام>>دەپ يېنىمدىكى 50يۈئەن پۇلنى <<ئاۋۇ چوڭ خۇرازغا تىكتىم >>دەپ بەردىم .ئۇيۇن تازا قىززىۋاتاتتى ئىككى خورازنى قۇيۇپ بولغىچە كىچىك خوراز ،چوڭ خورازنى قوغلاپ كەتتى ،قوغلا قوغلا بىر يەرگىچە قوغلىدۇق .ئاخرى تۇخۇنى تۇتۇپ كىلىپ چوڭ خۇرازنىڭ ئىگىسى ئاچچىقىدا يېنىدىكى پىچاقنى چىقىرىپ نەخمەيداندائۆلتۈرۈپ ئىشىتقا تاشلاپ بەردى. شۇنداق قىلىپ 50 يۈئەنمۇ قۇدۇققۇ چۈشۈپ كەتتى . بازار بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئالدى ئاران بىر كويلۇق يول .شۇ بىركوي پۇلنى كىمدىن سورايمەن؟سورسام ھېلىقىدەك تىللاپ كىتەمۇ دەپ ئاخىرى 4چاقىرىم يولنى پىيادە بېسىپ كەلدىم .ئۇھ ھېرىپ ئۈلەي دىدىم ..~خۇتۇن .<<نىمىشقا>>بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم .<<ھەي نۇمۇس قىلماي سىزمۇ شۇنداق ئىشنى قىلىپ باقتىڭىزمۇ تېخى>>بولدى قىلىڭلا خۇتۇن ،مىنى بۈگۈن شەيتان ئازدۇرۇپتۇ . ھەي راستىنلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ شەيتىنى كۈچلۈككەن جۇمۇ...... كەچ كىرىپ ئەتىگە ئاتقىچە تاڭلار ، ئازدۇرار ئادەمنى نىجىس شەيتانلار . پەخەس بول شەيتاننىڭ ئازدۇرشىدىن ، دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۇلۇغ ئىنسانلار . دەل ئۈزۈڭ شەيتاننىڭ يولىغا مېڭىپ ، بەسلىشىپ گۇناھتا شەيتاننى يىڭىپ . دۆڭگەشتە ئۇستىلىق قىلساڭ بۇلامدۇ ،؟ سەن قىلغان گۇناھنى شەيتانغا تېڭىپ. ئىنساننى شەيتان دەپ قىلمىغىن گۇمان ، گۇمان بار كۈڭۈلدە يوق ھەر گىز ئىمان . ئىنسانلار شەيتانغا يەتمەس ۋە لىكىن ، بىلەمسەن بەزىلەر شەيتاندىن يامان .

تولۇق ئوقۇش

تەقدىر توغرىسىدا

  تەقدىرئاپتۇر:دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىتەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل سۇلايمانكىرىش سۆزقازايى قەدەرگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىللىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى ئاللاھغا ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىنى توغرا بىلىش ئۈستىگە بىنا قىلىنغان.ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالاغا كامالەت سۈپەتلىرى، بۈيۈكلۈك، گۈزەللىك سۈپەتلىرى ۋە ماختاش ئامىللىرىنى ۋاجىپ قىلدى.بۇ مەسىلىدە ئەقىل ۋەھيىگە ماسلاشتى، ئاندىن ئىلاھغا ۋاجىپ بولغان كامالەت تەپسىلى بايان قىلىندى. { ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجرىم يارتتى ( يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى}،( سۈرە ئەئلا- 2~3- ئايەت).كەڭرى ئىلىمنىڭ، تولۇق ئىرادىنىڭ ۋە كامىل قۇدرەتنىڭ سۈپەتلىرى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس. ئۇ خالىغان نەرسىلەرنى قىلالايدۇ. قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلىدۇ. "بىلىش" ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.قازايى قەدەر ئەقىدىسى مۇشۇ سۈپەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان، تەقدىرگە ئىشىنىش ئاللاھغا بولغان ئىماننى تولۇقلىغۇچى قىسمىدۇر ۋە ئىماننىڭ ئوچۇق ھەقىقەتلىرىدىن بولغان ئاساسىدۇر.شۇنداق، ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەممە نەرسىدىن كەڭرىدۇر، ئۇ ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.ئاللاھنىڭ ئىلمى ماكانلار ھەر خىل، زامانلار خىلمۇ- خىل بولسىمۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھېچقانداق بىر شەيئى ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن( بىلىشىدىن) قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ھايات ساھەسىدىكى ياخشىلىق، يامانلىق، ئۇمىد، قورقۇش، خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت ھايات كۆرنىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلاھى ئىلىم( بىلىش) ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرگەن.ئاللاھ:{ ئاسمان- زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەندۇر، (سۈرە يۈنۈس-61-ئايەت).دىن دۈشمەنلىرى ئىسلام ئەقىدىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك شەكلەرنى تاشلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كىلىپ قېلىشى تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكتىن بولغان دەپ ھەقىقەتنى سەتلەشتۈرۋېىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كىلىپ قېلشىغا تەقدىرگە ئىشىنىش سەۋەپچى بولغان ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىر مەسىلىسىنى توغرا چۈشۈنەلمەسلىكى، ئۆز يولىدا توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقى، دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمەسلىكى ۋە دىنىغا ئەمەل قىلماسلىقى سەۋەپ بولغان. ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزىدىكى ئىللەت، كىسەل ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - مىكىرىنى بىلمەي يۈرۈيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىۋاتقان ناچار قىلىقلىرىغا تەقدىر مەسىلىسىنى بانا كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا. بىر كۈنى بىر كىشى بىر ئالىم كىشىدىن ئىنسان ئىختىيارىمۇ ياكى ئىختىيارسىزمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئالىم كىشى، ئىنسان ئىككى خىل بولىدۇ: بىر تۈرى شەرىقتە، يەنە بىر تۈرى غەرىپتە ياشايدۇ، بىرنچى تۈرىدىكى ئىنسان ئىختىيارىسز، يەنە بىرىسى ئىختىيارى ھۆر ئىنساندۇر دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ھېلىق سۇئال سورىغان كىشى بۇ جاۋاپنى چۈشىنەلمەي بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ مەن ئۆزلىرىدىن ئىنساندا ئەركىن ئىرادە، مۇستەقىل قۇدرەت بارمۇ؟ ئىنسان ئىرادە ۋە قۇدىرتى بىلەن خالىغان نەرسىلەرنى قىلالامدۇ ياكى بىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىمەن دەپتۇ. ئالىم كىشى :"مەن ساڭا غەرىپتىكى ئىنسان مۇستەقىل، شەرقتىكى ئىنسان مۇستەملىكىگە قالغان دەپ جاۋاپ بەردىمغۇ دەپتۇ.چۈنكى غەرىپتىكى ئىنساندا ئىرادە ۋە ئىقتىدار قۇدرەت تېپىلىدۇ، شەرقتىكى ئىنساندا ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھېچ بىرسى تېپىلمايدۇ!.غەرىپلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئەقلى بارلىغىنى ھىس قىلىپ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىپ چىقتى، نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى، ئىرادىسى بارلىقىنى ھىس قىلىپ، قەتئى ئىرادە باغلاپ باشقا مىللەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇردى. ئىقتىدار ۋە قۇدرىتى بارلىقىنى ھىس قىلىپ شەرىق ۋە غەرىپنى كىزىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقتى. ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرجىدە ھەسسە قوشتى.ئەمما بىزچۇ، ھازىرغىچە ئىنساننىڭ تەپەككۈر قىلالايدىغان ئەركىن ئەقلى بارمۇ؟ ئىرادە باغلىيالايدىغان ئىرادىسى بارمۇ؟ ھەركەتلىنەلەيدىغان كۈچ قۇدىرتى بارمۇ؟ دەپ سوراپ يۈرىمىز.ھازىر شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ئەركىن ۋە ئىختىيارى بولغان غەرپ ئەللىرىدىكى ئىنسانلار تەرپىدىن ئىختىيارسىزلانماقتا. ئىككى خىل تۈر تۈردىكى ئىنساننىڭ ئارسىدىكى پەرق نېمە دېگەن يىراق ھە!.غەرب ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنىغا دۈچ كىلىپ، ئۈزەلەيدىغان ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھايات دولقۇنى بىلەن ماسلىشىپ قىرغاققا يەتتى!ئەمما شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنلىرى قاينىمىدا ئۆز ئۆزىدىن: مەن ھەقىقەتەن تىرىكمۇ ياكى سۇكۇتلۇققا چۈمگەن جەسەتمۇ؟ دەپ سوراپ ئولتۇرماقتا.شۇنى بىلىش كېرەككى ھايات دولقۇنى بۇ قۇرۇق سەپسەتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ئۇنداق كىشلەرنى ھايات دېڭىزى يەپ كىتىدۇ.مەن ئىختىيارى ھۆرمۇ ياكى ئىختىيارسىز مەجبۇرمۇ؟ دەپ يۈرمەي، ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان ئىقتىدارنى غەنىمەت بىلگىن، ھاياتلىقتا سىنىڭ ھەقىقى ھوقۇقىڭنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا سىنىڭ ئۈستىڭدە ھاياتنىڭ ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغىن! ئۇمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈر ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىغىن! دىن ۋە دۇنياغا تولا يالغان سۆزلىمىگىن!بۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسلام ئوغلانىلىرىنىڭ دىنىنى توغرا چۈشۈنۈشىنى، شۇ ئارقىلىق خىزمەت ۋە ئەمەلگە ئاتلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. تەقدىرگە ئىشنىش ئەقىدىسى ھەر قانداق شارائىتتا -قورقماستىن -ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىغا رىئايە قىلغان، ئشىلارنىڭ سەۋەبىنى تولۇق قوللانغان ھالەتتە ئەمەل قىلىشىقا ئىتتىرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەتىجىلەرگە سەۋەپسىز يەتكىلى بولمايدۇ. سەۋەپسىز نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولماسلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا ئوخشاشلا بىردەكتۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىردۇر.بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇندق دەيدۇ: { ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ}،( سۈرە رەئدە- 11- ئايەت).دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى تەقدىرگە ئىشىنىشتەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسى ۋە ئىدئولوگىيەنىڭ مەركىزى ھىساپلىنىدۇ. تەقدىرنىڭ مەنىسى : كائىنات ۋە كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر تەخمىنەن ھەرىكەت قىلمايدۇ، كائىناتتا بىرەر ئىش تاسادىپى ياكى ئەھمىيەتسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىشلار يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى بىلەلەيدىغان ئەزەلى بىلىشدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشلارنىڭ زامانى، ئورنى، مىقدارى، شەكلى، خۇسۇسىيەتلىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئەھۋالىنى تەقدىر قىلدى. ئۇ ئىشلارنىڭ ( يەنى كائىناتتا يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى) يېزىپ خاتىرلىدى، ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدىرتى بىلەن ئاللاھ تەقدىر قىلغان شەكىلدە يۈز بىرىدۇ ياكى پەيدا بولىدۇ.ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: { بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق }،( سۈرە قەمەر- 49- ئايەت).يەنە: { ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە)ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى}، ( سۈرە فۇرقان- 2- ئايەت).ئاللاھ تائالانىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلشىنىڭ مەنىسى، تۆت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئىشلارنى پەيدا بولۇشتىن ياكى يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچقانداق بىر نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى، قانداق سادىر بولىدىغانلىقى، قاچان ۋە قەيەردە سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: { ئاسمان- زېىمنىدىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايىسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەدۇر}، ( سۈرە يۈنۈس- 61- ئايەت). يەنە: { قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ( دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى( ئاللاھغا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغاندۇر}، ( سۈرە ئەنئام- 59- ئايەت).ئاللاھ يۈز بىرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز يۈز بىرىدۇ، يۈز بەرمەيدۇ دەپ بىلگەن نەرسە ھەرگىز سادىر بولمايدۇ. خۇسۇسى سۈپەت ۋە مۇئەييەن شارائىتتا يۈز بىرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز ھالەتتە شۇ سۈپەت ۋە شۇ شارائىتتا يۈز بىرىدۇ، مەخلۇقلار ئاللاھنىڭ ئىلمدىن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس.ئىككىنچى: كائىناتتا سادىر بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۆتكۈر خاھىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن سادىر بولىدۇ. ئىش ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ياكى سۆز قىلغان كىشى بۇ دائىرىدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا: { ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلمايتتى}دەيدۇ،( سۈرە ئەنئام- 112- ئايەت).يەنە: { ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىسى ئىمان ئېيىتتى، بەزىسى كاپىر بولدى، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى.لېكىن ئاللاھ خالىغىننى قىلىدۇ}دەيدۇ،( سۈرە بەقەرە- 253- ئايەت).شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار: " ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ " دېگەن سۆزىدە بىردەك ئىتتىپاقلاشتى.ئۈچىنچى: كائىناتتا ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر، ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنىڭ تەسىرىدۇر، يارتىش ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ شىرىكى يوق.تۆتىنچى: ئاللاھ تائالا كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەدىمدىن تارتىپ " لەۋھۇلمەھپۇز " دىن ئىبارەت قېشىدىكى بىر كىتاپقا خاتىرلىدى.ئاللاھ قۇرئاندا: { يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچىرغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ( ئىش) شۇبھىسىزكى، ئاللاھغا ئاساندۇر}دەيدۇ، ( سۈرە ھەدىد- 22- ئايەت).يەنە: { ئېيىتقىنكى، " بىزگە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسە يېتىدۇ"}،( سۈرە تەۋبە- 51- ئايەت).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " بىلىپ قويغىنكى، ئەگەر ئۈممەت ساڭا بىر نەرسىنى پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ساڭا زىيان سالماقچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ" دېگەن .تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرگەنلىك ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇرئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەن تەقدىرگە ئىشىنىش مەسىلىسى بەخت تەلەيگە ياكى تاسادىپىلىققا ئىشىنىش ئەمەس، ئۇ ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشىنىشتۇر، ئىسلام ئەقىدىسى ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئالاھىدە بولغان.ئىسلام ئەقىدىسى ئىلاھلىق مەسىلىسىدىكى پەلسەپىلەرنىڭ خىياللىرى ۋە دىنلارنىڭ بۇرۇلىشىنى تۈزلىدى. ئىسلام دىنىدكى ئىلاھ "ئارىستو"نىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردىن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان، ئۇ ئىشلارنى بىلمەي قالىدىغان ۋە ئۆز تەدبىرى بىلەن ئارلاشمايدىغان ئىلاھ ئەمەس." ئارستونىڭ ئىلاھى " ئۆزىدىن باشقا نەرسىنى بىلمەيدۇ، كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردىن پەقەتلا خەۋرى يوق، كائىناتتىكى ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق ئىلاھتۇر، " ئافلاتۇننىڭ ئىلاھى" ئۆزىنى بىلمەي قالىدۇ!.ئىسلامدىكى ئىلاھ " مەجۇسىلارنىڭ ئىلاھىغا" ئوخشىمايدۇ، مەجۇسىلارنىڭ ئىلاھى ياخشىلىق ۋە نۇرغا ئالاقىدار بولغان كائىناتنىڭ يېرىمىنى باشقۇرىدۇ، ئەمما يامانلىق ئىلاھى ۋە قاراڭغۇلۇق تەرپىگە ئالاقىدار بولغان قالغان يېرىمىنى باشقا ئىلاھ باشقۇرىدۇ.مەجۇسىلارنىڭ دىنىدا ئىككى ئىلاھ بولىدۇ: بىرسى ياخشىلىق ۋە نۇر ئىلاھى، يەنە بىرىسى يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىلاھىدۇر. ئۇ ئىككى ئىلاھنىڭ ئارسىدا ئاخىردا ياخشىلىق ئىلاھى غەلبە قىلغانغا قەدەر ئۇرۇش يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ " گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھى" غا ئوخشاش قالايمىقان ئىش قىلىدىغان ، ئىنسانىيەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ياشايدىغان ئىلاھ ئەمەس.شۇنداقلا " بەنى ئىسرائىل( يەھۇدىلار)"نىڭ ئىلاھىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەن تەۋراتى، ئەپسانىللىرى، ئۇ ئىلاھنى ئىنتىقام ئالغۇچى، ۋەيران قىلغۇچى، ئىسرائىل مىللىتىگە مۇتىئەسسىپلىك قىلغۇچى، ئىنساننىڭ ئابى ھايات دەرخىنى يەپ كىتىشىدىن ئەنسىرگۈچى سۈپتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىلاھ بەزى ۋاقىتلاردا قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، ئىنسان بىلەن قارشلىشىپ تەڭ مەيداندا تۇرالمايدۇ!.ھەر خىل پەلسەپىلەر ۋە دىنلار تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئىلاھ ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ ئەمەس، ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ ھەممە نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى، يارتىش ۋە بۇيرۇش سالاھىيتىگە ئىگە زات، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ھەممە نەرىسىنى ياراتقۇچى، ھەممە ئىشلارنى كونتىرول قىلغۇچى زاتتۇر. ھېچ قانداق بىر نەرسە ئۇ ئىلاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرسىدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ، ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇ زاتقا مەخپى بولۇپ قالمايدۇ.ئۇ ئىلاھ ناھايىتى سېخى، ئادىل، مىھرىبان، رەھىمدىل، ھەممىنى بىلگۈچى، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ ئىلاھ ھېچ بىر مەخلۇققا زۇلۇم قىلمايدۇ، بىر ئىنساننى باشقىلارنىڭ جىنايىتى بىلەن جازالىمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىش ھەققىنى كىمەيتىپ قويمايدۇ ۋە زايا قىلۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا خاتالىقسىز جازالىمايدۇ، ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى ئەجىرىنى ھەسسىلەپ بىرىدۇ.كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلاھنىڭ تەقدىرى، كونتىروللىقى، ئىرادىسى، بىلىشى ۋە ھىكمەت تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ، تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. تاسادىپىلىققا ئىشىنىش ياكى بەخت تەلەيگە ئىشىنىش تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرگەنلىك بولمايدۇ.تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەن ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى، ئىرادىسىنىڭ ئومۇملۇقى، قۇدىرتىنىڭ كەڭىرلىكى، كائىناتتىكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتۇر. كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ياكى سادىر بولۇۋاتقان ئىشلار ئىلگىرىكى پىلان، قەدىمقى تەدبىر، ھەممىنى بىلگۈچى، ھەممىدىن غالىب زاتنىڭ تەقدىر قىلىشغا بىنائەن بولىدۇ.تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى ... (داۋامى بار ) ....

تولۇق ئوقۇش

تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىس

تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا
تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدايازغۇچى:ئابدۇراھمان ئىسمائىل (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)تەكەببۇرلۇق،يەنى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاش، داۋاملىق زورۇقۇپ، ئۆزىدە ئاز-تولا بار بولغان ئادەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تولىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، مەنمەنلىك قىلىش روھىي ھالىتى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا يېپىشىپ يىلتىز تارتىپ كەتكەن. بۇ خىل روھىي ھالەتكە ئىگە كىشىلەر ساغلام، نورمال ھالەتتىن تولىمۇ چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ،ئۇلار پىسخىك ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەردۇر.بۇ خىل روھىي ھالەت ھامان ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا روھىي پىسخىكا ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش،ئادەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئېرىشكەن خوشاللىق، روھىي ئازادىلىككە ئېرىشەلمەسلەك،سىقىلىش ئىچىدە ياشاش، جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتىنىڭ بىر كىشىدە بولغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ ناچار ئىللەت ئىنسانىيەتكە روھىي-پىسخىك، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن توۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل زىينلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى ئامىلدۇر.1- روھىي جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇرلۇق بىرخىل نورمال بولمىغان روھىي ھالەت بولغاچقا، بۇ خىل زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئادەم مېڭىسىدىكى ساغلام تەپەككۇر ھۈجەيرىلىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، ئادەمنى ساغلام تەپەككۇر قىلىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.2- پىسخكا جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇر ئادەمنىڭ مىجەزى تولىمۇ چۇس بولىدۇ. ئاچچىقلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى قىيناپلا ئۆتىدۇ. باشقىلاردىن قانداقتۇر ئورۇنسىز قۇسۇرلارنى ئىزدەپلا يۈرىدۇ.ئۆزىگە چوقۇنمىغان ۋە چوڭ بىلمىگەن كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ.بۇنداق كىشىلەرگە تولا چاغلاردا ھەسەتخورلۇق كىسىلىمۇ بىرگە چاپلاشقان بولىدۇ. قىززىق يىرى شۇكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزىىڭ مۇتەكەببۇرلىقى ۋە ھەسەتخورلۇقىنى تولا چاغلاردا ئېتىراپ قىلماي تېخى باشقىلارنى ھەسەتخور،تەكەببۇر دەپ ئاغرىنىپ، يۈرىكى پۇچۇلىنىپ يۈرىدۇ. بۇمۇ بەلكىم تەكەببۇرلۇقنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى نەق جازاسى بولسا كېرەك.3- ئەخلاق جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى ئىسلام ئەخلاقى پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپ. مۇتەكەببىر ئادەمنى ھېچكىم ساغلام، ئەخلاق پەزىلەتلىك ئىنسان دەپ قارىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ ماختىغانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا ئەخلاقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، ئىسلام دىنىدا نەقەدەر بۈيۈك ئورۇن بىرىلگەنلىكىنى، ئىسلام دىنى ئىنساننى ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۇندەيدىغان دىن ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋالالايمىز. 4- جىسمانىي جەھەتتىكى زىيىنى: ناچار روھىي كەيپىياتلاردىن غەم-قايغۇ، قورقۇنچ، تەشۋىشلىنىش،ھەسەتخورلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتىمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا 90 پىرسەنت كېسەللىك ناچار روھىي كەيپىياتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەن.قالغان 10پىرسەنت كېسەللىك خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كىلىپ چىقىدىكەن. مۇتەكەببىر كىشىلەر ئولجا ئىزدەپ ماڭغان ئىت ئولجىغا ئېرىشەلمىسە كۆڭلى كۆڭلى ئارام تاپمىغاندەك باشقىلاردىن داۋاملىق ھۆرمەت، مەدھىيە تاما قىلىپ، باشقىلار ئالدىدا قانداقتۇر ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايەن قىلالماي، سىقىلىش ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان شۇنچىۋالا نازۇ-نېمەتلەرگە چۆكۈپ تۇرۇپمۇ، خۇددى كېسەل چارۋىغا يەم پايدا قىلمىغاندەك، ئاللاھنىڭ نېمىتىنىڭ ئەسىرى ئۇنىڭدا قىلچە نامايەن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن سىرتقا تېپىپ تۇرغان تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا پايدىلىنىش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ماددى ۋە مەنىۋى ئۆزۇق نېمەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجدىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قوبۇل قىلىنىپ كىرىشىگە يول بەرمەيدۇ. ئەقەللىسى، ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە نەپەسلىنىشكە يارىتىپ بەرگەن ساپ ھاۋادىنمۇ بىمالال رېتىملىق، ئەركىن نەپەس ئېلىشنىڭمۇ تەكەببۇرلۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى سېزەلمەي قالىدۇ. نەتىجىدە نەپەس بىمالال بولمىغانلىقتىن (ئوكسېگىن يېتىشمىگەن ئادەم كۆكىرىپ كەتكەندەك) قاننىڭ تەركىپى، شۇنداقلا ئايلىنىش سىستېمىسى بىر قاتار زىيانلىق تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ( يۈرەك تىقىلمىسى، تاجىسىمان قان-تومۇرلۇق يۈرەك كىسەللىكى)، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ھەتتا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە راك كېسەللىك پەيدا بولىشىمۇ مۇمكىن. تەكەببۇرلۇقنىڭ زىيانلىرى پەقەت يۇقىرىقىلارلا ئەمەس، ئۇلاردىنمۇ چوڭ بىر زىيان بار. ئۇ بولسىمۇ باقى ئالەمدىكى مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت، جەننەتتىن ۋە ئاللاھ رىزالىقىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا سۈرە لوقماننىڭ 18-ئايىتىدە لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرىمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر،ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكتىنمۇ چوڭ زىيان بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.مۇتەكەببىرلارغا قىيامەت كۈنى قانداق خىتاپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلارغا جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۇ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان! دېيىلىدۇ»زۇمەر سۈرىسى 72-ئايەت. مىشكاتۇل مەسابىھ دىگەن ھەدىس كىتابىدا" ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش توغرىسىدا" دىگەن باپنىڭ 2-بولىمىدە ئۇمەيسنىڭ قىزى ئەسمادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:« ھەممىدىن يۈكسەك ۋە بۈيۈك زاتنى ئىسىدىن چىقارغان ھالدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقان، ھاكاۋۇرلۇق قىلغان ئادەم نېمىدېگەن ھاكاۋۇر ئادەم -ھە! ئاجىزلارنى قاخشىتىپ ھەددىدىن ئاشقان، غەزەپلىك ۋە قەھىرلىك ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئۇنۇتقان ئادەم نېمىدېگەن گەدەنكەش ئىنسان-ھە! ھەقىقەتەن غاپىل بولۇپ ئويۇن تاماشاغىلا بېرىلىپ كەتكەن، قەبرىلەرنى ۋە بەدەنلىرىنىىڭ چىرىپ كېتىشىنى( يەنى ئولگەندىن كېيىن ھېچقانداق ياخشى ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى) ئۇنتۇغان ئادەم نېمىدېگەن ئىسيانكار ئىنسان-ھە! تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەددىدىن ئاشقان، كۆرەڭلەپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇغان ئادەم نېمىدېگەن شۇكۇرسىز ئىنسان-ھە! ئۆزىنىڭ دىنى ئارقىلىق دۇنيالىقنى كۆزلەيدىغان ئادەم نېمىدېگەن رەزىل(يامان) ئىنسان-ھە! ئۆزىنىڭ دىنىنى شۇبھىلىك نەرسىلەر بىلەن بۇزۇپ تاشلايدىغان ئادەم نەقەدەر بەختسىز ئىنسان-ھە! ئۆزىدىكى تاماخورلۇق خۇسۇسىيىتى ئۇنى يېتىلەپ يۇرۇيدىغان ئادەم (يەنى تاماخورلۇق قىلىپ قاتراپ يۇرۇيدىغان) نەقەدەر قانائەتسىز ئىنسان-ھە! نەپسى خاھىشى ئازدۇرۇپ كەتكەن ئادەم نەقەدەر ئەخلاق قىلىپىدىن چىققان ئاللاھنىڭ ھالال نېمەتلىرىدىن مەھرۇم ئىنسان-ھە! ئۆزىنى خار قىلىدىغان، چوقۇنۇش- خاراكتىرىگە ھېرىسمەن ئادەم نەقەدەر رەزىل ئىنسان-ھە!» بىز بۇ ھېكمەتلىك ھەدىس شېرىپنى تەپسىلى ئوقۇپ ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاپ، مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يەنە بىر قېتىم "مەن ھەقىقى مۇسۇلمانمۇ ئەمەس؟" دىگەن سوئال بىلەن بىر تەكشۇرۇپ چىقىشىمىز ناھايىتى زۆرۈردۇر. ئەگەر دىنى زاتلاردا تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى بولىدىغان بولسا، ئۇلاردا باشقىلار بىلەن ئۆزىنى تەقدىرداش، ھەمنەپەس ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ يوقالغاچقا، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا، ھەقىقى ئىخلاس بىلەن ئەمەس،بەلكى، قاتمال ھالەتتە غادىيىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆز-كۆز قىلىشنىلا ئويلاپ، زورۇقۇپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەز-نەسىھەتلىرىمۇ كەڭ مۇسۇلمان جەمائىتىنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارمايدۇ.ئەگەر بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى زىيالىلاردا تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى بولسا، ئۇلار ھەقىقەتەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر تەكتىگە شۇڭغۇپ كىرىش،ئەقەللى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى تەكەببۇرلۇق تۈپەيلى مەنسىتمىگەنلىكتىن، ئۇلاردا ئىلىم ئىگەللەش يوللىرى توسۇلۇپ قالىدۇ.دېمەك، تەكەببۇرلۇق ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ دۈشمىنى.تەكەببۇرلۇق_ ھەقىقەتنى كۆزگە ئىلماسلىق، باشقىلارنى چۆكۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ساغلام گۈزەللىككە ئىنتىلىش، چىرايلىق، سالاپەتلىك كىيىنىش قاتارلىقلار ھەرگىز تەكەببۇرلۇق ئەمەس،ئەلۋەتتە!." تەنبىيھۇل غاپىلىيىن" دىگەن كىتاپنىڭ "ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش توغرىسىدا" دىگەن بابىدا ھەبىيب ئىبنى سابىتتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئېيتىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ:« قەلبىدە قىچانىڭ ئۇرۇقىچىلىك كىبىرى بار كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دىگەندە، ساھابىلاردىن بىرى، يا رەسۇلۇللاھ !مەن ھەقىقەتەن كىيىمىمنىڭ، ئاياغلىرىمنىڭ، ۋە ئات ھەيدەيدىغان قامچامنىڭ چىرايلىق گۈزەل بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مۇشۇمۇ كىبىر بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ گۈزەلدۇر،گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، بەندىسىگە نازۇ-نېمەت بەرگەن بولسا شۇ نېمەتنىڭ ئەسىرىنىڭ بەندىنىڭ تاشقى كۆرنىشىدىمۇ نامايەن بولىشىنى ياقتۇرىدۇ.خۇنۇكلۇكنى ۋە خۇنۇك بولىۋېلىشنى يامان كۆرىدۇ. لېكىن كىبىر دىگەن ھەقنى مەنسىتمەسلىك، باشقىلارنى چۆكۈرۈشتۇر» دىگەن. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير دېگەن كىشىنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: « كەمتەملىك شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.(كەمتەرلىك كىمدە بولىدىكەن ئۇ چوڭ بىر ئىنئامغا ئېرىشكەن بولىدۇ). كەمتەرلىكتىن باشقا ھەر قانداق بىر نېمەت ئىگىسىگە باشقىلار ھەسەت قىلىدۇ(كۆرەلمەيدۇ) ، كەمتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ خىسلەتنى ھەر كىم ئۆزىگە لازىم تۇتسا ھېچكىمنىڭ دەخلى تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ».شۇنداقلا ئۆزىدە بار ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولۇش تەكەببۇرلۇق بولماستىن،بەلكى دىنىمىزدا تەرغىب قىلىنغان ئىشلاردىندۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « يۇسۇپ: مېنى مىسىر زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن دېدى» يۇسۇپ سۈرىسى 55-ئايەت. ئەمدى قۇللۇقتىن قۇتۇلغان بىر كىشىنىڭ بىر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىكى ۋەزنىلىك سۆزى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىشسىز قىلىۋاتقان، يېتەرلىك قابىلىيىتى تۇرۇپمۇ ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتىلەلمەيۋاتقان، ياكى ئىلگىرلەي دىسىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا، ئويلاپ كۆرۈشىگە يېتەرلىكتۇر. سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىشەنمىسىڭىز باشقىلار سىزگە قانداقمۇ پۇرسەت بەرسۇن،قانداقمۇ سىزگە ئىشەنسۇن؟! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىر بىرىمىزگە كەمتەر ۋە ئەپۇچان بولۇپ ئىگىلىك تېكلەشتە بىردەك ھەمكارلىشىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. تەكەببۇرلۇقتىن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېراقلىشىشى، زىددىيەت پەيدا بولىشى، بىر بىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىش، ھەر ۋاقىت باشقىلارنى يامان چۈشۈنۈش قاتارلىق دىنى ۋە مىللى غايىلىمىزغا يېتەرلىك زىيانكەشلىكنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.بىز ھممىمىز كەمتەرلىك، تەكەببۇرلۇق دېگەن ئۇقۇمنى توغرا چۈشىنىپ ، قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا ھەقىقەتكە رىئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈپ، قاتماللىق ھالىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىشىمىز، ئىسلامى ئەخلاقنى ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىمدۇر. شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى بىز ئۆزىمىز ھاياتىمىزنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىگە مەھكەم ئىسلىشىمىز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيمىز، بولمىسا ھالىمىز تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن. ھاياتىمىزدا ئىنسانى ئىگىلىكىمىزنى تىكلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە قانداق ئېرىشىشىمىز توغرىسىدا يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. ئىسلام ئائىلىسى تورىدىن پايدىلىندى.

تولۇق ئوقۇش

توخۇ تۇخۇمىدا زەھەر بايقالدى

توخۇ تۇخۇمىدا زەھەر بايقالدى

بۇ يازمىنى Tirish تىبابەت ئىلمى بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-11-10)


ھەممىمىزگە مەلۇم يىقىندا ئۈچ مارال(سەنلۇ) سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە سۈت پاراشۇكى تەركىبىدە مىلامىن بايقالغان، مىلامىن بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا يىنىك بولغاندا بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئىغىر بولغاندا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يىقىندا يەنە توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە مىلامىن بايقالغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى توخۇغا بىرىدىغان يەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، باقمىچىلارنىڭ توخۇغا بىرىدىغان يىمى_ جانلىقلارنىڭ(ئادەمنىڭمۇ بار) چىرىغان سۆڭەكلىرىنى ئىزىپ بىرىش، ئۇيىغان قان، دوختۇرخانىلاردىن چىققان ئورگانىك ئەخلەتلەر يەنى بالا ھەمرىيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىن چىققان نەرسىلەر ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشلەرنىڭ تۇخۇمنى ئىستىمال قىلماسلىقىنى سەمىگە سالىمەن.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى

تولۇق ئوقۇش

ئاللاھ يۇلىدا ۋاز كىچىش

ئاللاھ يۇلىدا ۋاز كىچىش
كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇيازغۇچى:ئا.قارلۇقى .بارلىق ھەمدۇ- سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا، دۇئا ۋە سالاملار رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە بولسۇن!شەھۋەتنىڭ نەپسىگە سۇلتان، قەلبكە ھاكىم بولىۋالىدىغان تەرەپلىرى بار. ئۇنى تاشلىغانلار قەدىرلىنىدىغان، ئەمما تاشلاپ يىراق كىتىش قېيىن بىر مەسىلە. بىراق، كىمىكى ئاللاھدىن قورقسا، ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ، ئاللاھدىن يارىدەم سورىغانلار ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيدۇ...ئاللاھدىن باشقا بىرىنى خۇرسەنلىكىنى ئىزدەپ ئازغۇن ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى تاشلىغانلار، ھەقىقەتەن بىر خىل روھىي بېسىم ھىس قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئۇ ئىشلاردىن ۋاز كەچكەنلەر بولسا، دەسلىۋىدە، ئۇنىڭ سەمىمى ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش يۈزىسىدىن ئىمتىھانغا دۈچ كىلىپ، بىر ئاز قېيىنچىلىق ھىس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەۋر قىلالىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ھۇزۇر- ھالاۋەت سۇلىرى بىلەن سۇغىرىدۇ. ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن، ئۇلارغا يېقىنلىشىتىن قانچىكى يىراقلاشقانسىرى، ئۇنىڭ ئەجرى ئېشىپ، بىرىلىدىغان ساۋاپ كۆپىيىپ بارىدۇ...ئاللاھ ئۈچۈن تاشلىغان ئىشلارغا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىشلارنى بەدەل قىلىپ بىرىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆلگىلىرى: 1- كېمىكى، كىشلەردىن ھاجىتىنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزمىسا، ، بارلىق تەلەپ، ئىلتىجالىرىنى يىگانە ئاللاھدىنلا سورىسا... ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قەلىبنىڭ ھۆرلىكى، نەپسىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىنسانلارغا ھاجىتى چۈشۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ.2- كېمىكى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشىلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرمەي، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنسا، ئاللاھ ئۇنى ئىشەنچ ۋە رازىلىق بىلەن رزىقلاندۇرىدۇ.3-كېمىكى، كاھىن- سېھىرگەرلەرنىڭ قېشىغا بېرىشنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنى سەۋر، سەمىمى تەۋەككۇر ۋە تەۋھىدنىڭ قەلبىدە يەرلىشىشى بىلەن رىزقلاندۇرىدۇ.4-كېمىكى، ئاللاھنىڭ باشقىسىدىن قورقۇشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھەممە ئىشتىن خاتىرجەم قىلىپ، ئۇنىڭ قورقۇنچىسىنى تىنچلىق ۋە سالامەتلىككە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.5-كېمىكى، دۇنياغا يېپىشىۋېلىشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، قەلبىنى ھەممىدىن توق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مال- دۇنيا باش ئىگىپ، ئۆزلىگىدىن ئالدىغا كىلىدۇ.6-كېمىكى، يالغاننى تاشلاپ، راستچىللىقنى دوست تۇتسا، ياخشىلىققا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سەمىمى سادىق بولۇپ سانىلىدۇ.7-ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ، تالاش- تارتىش قىلىشنى تاشلىسا، جەننەتتىن ئۇنىڭغا بىر ئۆي ھازىرلىنىدۇ ۋە رەقىبلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئامان بولىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەت بولۇپ قالىدۇ.8-كېمىكى، ساختىلىقنى، رىبانى تەرك قىلسا.. كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە بەركەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.9- كېمىكى، ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە قاراشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىدە نۇر، يۈكسەكلىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى يەرلەشتۈرۈپ بىرىدۇ.10-كېمىكى، بېخىللىقىنى تاشلىسا... ئۇنى كىشىلەر ياخشى كۈرىدۇ. ئاللاھ ۋە جەننەتكە يېقىنلىشىدۇ. ئىچى سىقىلىش، غەم- غۇسسىلەردىن خالاس، پەزىلەتنىڭ يۈكسەك مەرتىبىلىرىگە ئورلەيدۇ.11-كېمىكى، ئېنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇغلۇق، ئۇنى تەرك قىلىپ، كەچۈرىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ ۋە خۇشھاللىق بىلەن تولدۇرۇپ بىرىدۇ.12-ئۆزىنى چەكسىز راھەتلەندۈرىدىغان بىر ناچار سۆھبەتنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا، ياخشىلىق ۋە پايدا- مەنپەئەت ئالغىلى بولىدىغان ئۇبدان ئادەملەر بىلەن سۆھبەتداش بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇ كىشى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا- ئاخىرەتلىك سائادەتكە ئىرىشىدۇ.13-كېمىكى، كۆپ تاماق يىيىشنى تاشلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى سېمىزلىك ۋە باشقا بارلىق كېسەللەردىن ئامان قىلىدۇ. چۈنكى، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچكەن كىشى، كۆپ ئوخلايدۇ-دە، كۆپ زىيان تارتىدۇ.14-كېمىكى، غەزەپلىنىشنى تاشلىسا، ئۆزىنىڭ ئىززەت- نەپسىنى، ھۆرمىتىنى ساقلايدۇ. كەچۈرۈم سوراش، پۇشايمان قىلىش خارلىقىدىن قوتۇلۇپ، تەقۋادالار قاتارىغا كىرىدۇ.15-كېمىكى، باشقىلار توغرىسىدا يامان گۇمان قىلىشنى تاشلىسا، قەلبنىڭ بىئارام، پىكىرنىڭ چېچىلاڭغۇ بولىشىدىن ئامان بولىدۇ. يامان گۇمان قىلىش، سۆيگۈنى ۋەيران قىلىپ، پاساتچىلىقنى چىللايدۇ.16-كېمىكى، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە كۆز- كۆزچىلىكنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى كۆتىرىدۇ، پەزىلىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ ئايىغا ئاستىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولىدۇ.17-كېمىكى، ئاتا- ئانىسىغا يامانلىق قىلىشىنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشى پەرزەنتلەرنى بىرىدۇ ۋە ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.18-كېمىكى، سىلە- رەھىم قىلىشنى تاشلاپ قويمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ رزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە نام نىشانىنى شەرەپلىك قىلىدۇ.19-كېمىكى، شەھۋانى ئىشىق ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ... ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى بىلەن بېيىتىدۇ.20-كېمىكى، ھورۇنلۇقنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جانلىقلىق ۋە خىزمەت ئاتا قىلىدۇ. ھىممىتى ئۆرلىتىپ، ۋاقتىنى قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسىگە ئىرىشىدۇ. ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى نەشىرى ماتىرياللىردىن .بىلدۇرگۈ: ئەسلى بۇ تىمىنڭ ماۋزۇسى{ كىمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ} ئىدى .تىما ماۋزۇسىغا خەت سان چەكلىمىسى باركەن شۇڭا ئامالسىز ماۋزۇىسى ئۆزگەرتىلدى.

تولۇق ئوقۇش

سايرام كۆلىدە يەنە غەلىتە مەخلۇق كۆرۈلدى

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ 2 - نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 3- كۈنى، يەنى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، 1 دىن 48 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى)ئۆتكەندە بارلىق ماھىرلار كۆل بويىدا دەل چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بولۇپ، تىنچ كۆل يۈزى تۇيۇقسىز چايقىلىپ، چۆچەكلەردىكىدەك كۆلنىڭ غەلىتە مەخلۇقى پەيدا بولغان.ئەينى چاغدا كۆل بويىدا بار بولغان بور تالا ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئارشا نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆل مەخلۇقى ئاق رەڭلىك بولۇپ، پۈتۈن گەۋدىسى كۆمتۈرۈپ قويغان يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئاستىغا ئوخشايدىكەن، ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. ئەينى چاغدا مەخلۇق بىلەن قىرغاقنىڭ ئارىلىقى 4 كىلومېتىر بولۇپ، مەخلۇق سۇ يۈزىدىن ئىككى، ئۈچ مېتىر كۆتۈرۈلگەن. كۆپچىلىك ھەممەيلەن مەخلۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چۇرقىرىشىپ كەتكەن. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن مەخلۇق ئاستا - ئاستا سۇ ئاستىغا چۆككەن، كۆل يۈزىمۇ ئاستا تىنچلانغان.بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پائالىيەت تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بور تالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى چىڭ پىڭمۇ ئۆتكەن يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆلنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىمۇ مۇشۇنداق مەخلۇق كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مەنزىل: سىنا تورى

تولۇق ئوقۇش

سايرام كۆلىدە يەنە غەلىتە مەخلۇق كۆرۈلدى

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ 2 - نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 3- كۈنى، يەنى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، 1 دىن 48 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى)ئۆتكەندە بارلىق ماھىرلار كۆل بويىدا دەل چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بولۇپ، تىنچ كۆل يۈزى تۇيۇقسىز چايقىلىپ، چۆچەكلەردىكىدەك كۆلنىڭ غەلىتە مەخلۇقى پەيدا بولغان.ئەينى چاغدا كۆل بويىدا بار بولغان بور تالا ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئارشا نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆل مەخلۇقى ئاق رەڭلىك بولۇپ، پۈتۈن گەۋدىسى كۆمتۈرۈپ قويغان يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئاستىغا ئوخشايدىكەن، ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. ئەينى چاغدا مەخلۇق بىلەن قىرغاقنىڭ ئارىلىقى 4 كىلومېتىر بولۇپ، مەخلۇق سۇ يۈزىدىن ئىككى، ئۈچ مېتىر كۆتۈرۈلگەن. كۆپچىلىك ھەممەيلەن مەخلۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چۇرقىرىشىپ كەتكەن. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن مەخلۇق ئاستا - ئاستا سۇ ئاستىغا چۆككەن، كۆل يۈزىمۇ ئاستا تىنچلانغان.بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پائالىيەت تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بور تالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى چىڭ پىڭمۇ ئۆتكەن يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆلنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىمۇ مۇشۇنداق مەخلۇق كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مەنزىل: سىنا تورى

تولۇق ئوقۇش